«زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا 14 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  ئەزاسى 14 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1883626
«زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا 14 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلغان. بۇ دائىرىدە، «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى بىر ھەربىي بازىغا  شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك ئارقىلىق تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  ئەزاسى 14 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

بۇ ئارىلىقتا، شىرناقتا «ئەرەن قامال قىلىش – 27» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە قولغا چۈشكەن تېررورچى سانى 2 گە يەتكەن.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، شىرناق ۋىلايىتىنىڭ سىلوپى ناھىيەسىدە بىر تېررورچىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «تېررورچىلار ئۇۋىلىرىدىن بېشىنى چىقارغان ھامان، قەھرىمان قىسىملىرىمىز قولغا چۈشۈرمەكتە.»

سىلوپى ناھىيەسىنىڭ «جۇدى تېغى» بەستابەلەگا رايونىدىمۇ بىر تېررورچىنىڭ، رايوندا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق ساقچى قىسىم ئەترەتلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلغان سويلۇ، قوراللىق ساقچى قىسىم ئەترەتلىرىنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر