قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە يەنە بىر تېررورچى تەسلىم بولدى

قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان يەنە بىر تېررورچى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

1882577
قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە يەنە بىر تېررورچى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىنىستىرلىقنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىشلىنىۋاتقان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، يەنە بىر تېررورچى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قېچىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، مەزكۇر تېررورچىنىڭ، 2010 – يىلى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقى ۋە شىمالىي ئىراقتا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

شۇنىڭ بىلەن، قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇپلىرىنىڭ سانى 90 غا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر