ئاشلىق بېسىلغان ئالتە پاراخوت يولغا چىقتى

ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى رامكىسىدا، يەنە ئالتە پاراخوت ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن يولغا چىقتى.

1881518
ئاشلىق بېسىلغان ئالتە پاراخوت يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى رامكىسىدا، ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن يەنە ئالتە پاراخوتنىڭ يولغا چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى رامكىسىدا، بۈگۈن (2022-يىلى 19-سېنتەبىر) پىلان قىلىنغان ئالتە پاراخوت ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن يولغا چىقتى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر