مۇشتا «ئەرەن قامال قىلىش – 36» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى
مۇش ۋىلايىتىنىڭ مالازگىرت ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى «ئەرەن قامال قىلىش – 36» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى.
1878236
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغان تېررورچىلارنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش مەقسىتىدە، مۇش ۋىلايىتىنىڭ مالازگىرت ناھىيەسىدە، «ئەرەن قامال قىلىش – 36» ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ھەربىي ھەرىكەتكە 513 ھەربىي خادىم ۋە 38 ئالاھىدە ئەترەت قاتناشماقتا ئىكەن.