ئەردوغان بىلەن شەنتوپ ئەنگلىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 96 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى 2 - ئېلىزابېت ئۈچۈن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى.

1877779
ئەردوغان بىلەن شەنتوپ ئەنگلىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان تەزىيە باياناتىدا، ئايال پادىشاھ 2 – ئېلىزابېتنىڭ ۋاپاتىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە خان جەمەتى ۋە دوست ھەم ئىتتىپاقداش دۆلەت ئەنگلىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە چىن دىلىمدىن تەزىيە بىلدۈرىمەن.»

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپمۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئايال پادىشاھ 2 – ئېلىزابېتنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنگلىيە خەلقىنىڭ ھەسرىتىنى ئورتاقلىشىمەن، خان جەمەتىگە تەزىيە بىلدۈرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر