ئەردوغان 30 - ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 - يىللىقى تەبرىكلىنىدىغان 2023 - يىلىنىڭ بۈيۈك ۋە قۇدرەتلىك تۈركىيەنىڭ قۇرۇلۇشىدىن خۇشخەۋەر بېرىدىغان يېڭىدىن تۇغۇلۇش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1873502
ئەردوغان 30 - ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 30 - ئاۋغۇست زەپىرىنىڭ 100 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ئېلان قىلدى. چوڭ زەپەرنىڭ 100 – يىللىقىنى تەبرىكلەشتىن پەخىرلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان بارلىق تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ 30 - ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

ئەردوغان ئۇچۇرىدا، «چوڭ زەپەر ئارقىلىق بىز بۈگۈن ئۈستىدە ئەركىن ياشاۋاتقان يەرلەرنىڭ ئەزەلدىن ئەبەدكىچە بىزنىڭ  ۋەتىنىمىز ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۇرگەن بولدۇق» دېدى.

ئەردوغان 30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنىڭ ئەسارەت ۋە ئازادلىقتىن ئىبارەت ئىككىنىڭ بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر بولغاندا، تۈرك مىللىتىنىڭ نېمەلەرنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقى ۋە نېمىلەردىن ۋاز كېچەلەيدىغانلىقىنىڭ ئەڭ ئوچۇق ئىسپاتى بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يەنە مۇنداق دېدى:

 «ئاخىرىقى قېتىم 2016 - يىلى 15 – ئىيۇل كېچىسىدىكى (سىياسىي ئۆزگىرىش) ھادىسىلەرمۇ چوڭ ھۇجۇمغا ئىلھام بەرگەن تەۋرەنمەس ئىرادىنىڭ ھازىرمۇ قەلبىمىزدە ھايات ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. تۈركىيە ئۆتمۈشىدىن ئالغان كۈچىگە تايىنىپ پارلاق ۋە گۈللەنگەن كەلگۈسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پۇختا قەدەملەر بىلەن  ئىلگىرىلىمەكتە. جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 - يىللىقى تەبرىكلىنىدىغان 2023 – يىلى، بۈيۈك ۋە قۇدرەتلىك تۈركىيەنىڭ قۇرۇلۇشىدىن خۇشخەۋەر بېرىدىغان يېڭىدىن تۇغۇلۇش بولۇپ قالغۇسى»

ئەردوغان سۆزىدە يەنە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستافا كامال ئاتاتۈرك ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر