چوڭ ھۇجۇمنىڭ 100 - يىللىقى ئۈچۈن مەخسۇس تور بەت

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى چوڭ ھۇجۇمنىڭ 100 - يىللىقى ئۈچۈن مەخسۇس تور بەت تەييارلىدى.

1872909
چوڭ ھۇجۇمنىڭ 100 - يىللىقى ئۈچۈن مەخسۇس تور بەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابادا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، <"www.msb.gov.tr/BuyukTaarruz" ناملىق بېتىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق چوڭ ھۇجۇمنىڭ 100 – يىللىقى ئۈچۈن تەييارلانغان فوتو - سۈرەت، سىن، تارىخى نەشىر بويۇملىرى ۋە چوڭ ھۇجۇم جەڭ مەيدانى خەرىتىسىنى كۆەلەيسىلەر> دېيىلدى.

تور بەتتىكى <چوڭ ھۇجۇمنىڭ 100 - يىللىقىدا كاتتا غەلىبىنىڭ تىۋىشلىرى> ناملىق سىنئالغۇمۇ مىنىستىرلىقنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلەندى.

ھەمبەھىرلەنگەن ئۇچۇردا، «سۇلتان ئالپارسلان 951 يىل ئىلگىرى غەلىبە قىلغان مالازگېرت زەپىرى ئارقىلىق بىزلەرگە ئانادولۇنى ۋەتەنگە ئايلاندۇرۇپ بەردى. باش قوماندانىمىز غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركمۇ 100 يىل ئىلگىرى چوڭ ھۇجۇم بىلەن ئانادولۇنىڭ مەڭگۈلۈك تۈرك ۋەتىنى بولىدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى » دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر