ئاتاقلىق كىنو چولپىنى رۇسسېل كروۋ تۈركىيەگە مەدھىيە ئوقۇدى

ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاتاقلىق يېڭى زېلاندىيە چولپىنى، فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە مۇزىكانت رۇسسېل كروۋ مەستانىلىرىغا تۈركىيەنى زىيارەت قىلىش چاقىرىقىدا بولدى.

1871403
ئاتاقلىق كىنو چولپىنى رۇسسېل كروۋ تۈركىيەگە مەدھىيە ئوقۇدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «گلادىئاتور» فىلىمىدە ئالغان ئوبرازلىق رولى بىلەن ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رۇسسېل كروۋ، تۈركىيەگە تەكلىپ قىلغان بىر تىۋىتتېر ئابونتىىغا قايتۇرغان جاۋابىدا، تۈركىيەنى مەدھىيەلەپ يۇقىرى باھا بەردى.

كروۋ ئۆزىنىڭ تۈركىيەنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «نېمىدېگەن كىشىنى مەپتۇن قىلارلىق گۈزەل بىر دۆلەت، ئەگەر سىز ئىلگىرى تۈركىيەگە بېرىپ باقمىغان بولسىڭىز، چوقۇم پىلان تۈزۈشىڭىز كېرەك» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئاتاقلىق چولپاننىڭ ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرى نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە ئورتاقلىشىشىغا ئېرىشتى.

ئاتاقلىق چولپان رۇسسېل كروۋ چاناققەلئە ئۇرۇشى مەزمۇن قىلىنغان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قويۇلغان "The Water Diviner"  «سۇ ئىلاھى» ناملىق فىلىمنىڭ سىنغا ئېلىنىشى جەريانىدا بىر مەزگىل تۈركىيەدە تۇرغان ئىدى.

تۈركچىگە «ئاخىرقى ئۈمىد» دەپ تەرجىمە قىلىنغان بۇ فىلىمدە رۇسسېل كروۋ، ئۈچ ئوغلىنى چاناققەلئەگە ئەۋەتكەن ۋە ئۇرۇشتىن تۆت يىل كېيىن ئوغۇللىرىنى ئىزدەش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن ئاۋىستىرالىيەلىك دادىنىڭ رولىنى ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر