ئەردوغان: سۈرىيە بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك قەدەملەر بېسىلىشى كېرەك

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيە بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك قەدەملەرنىڭ بېسىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «دىپلوماتىيەنى ھېچقاچان چەكلەشكە بولمايدۇ» دېدى.

1870080
ئەردوغان: سۈرىيە بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك قەدەملەر بېسىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (18-ئاۋغۇست) ئۇكرائىنادىكى بىر كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيەگە قايتىش سەپىرىدە، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ شىمالىي سۈرىيەدىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ بىر قىسمىنى رۇسلار بىلەن بىرلىكتە قىلىۋاتىمىز، يەنە بىر قىسمىنى ئۆزىمىزنىڭ قوراللىق قىسىملىرىمىز ۋە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىز بىلەن قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ سۈرىيەدە تېررورلۇقنى بىرىنچى دەرىجىدە بېقىۋاتقان دۆلەتنىڭ ئامېرىكا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن قالسا بىرلەشمە قىسىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇنى رەھىمسىزلەرچە قىلىۋاتىدۇ ۋە ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز بىكاردىن بىكار <بىر كېچە ئۇشتۇمتۇت باستۇرۇپ بارىمىز> دېمەيمىز. ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە دېگىنىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. ئەمما، شۇنىمۇ دەپ قويۇشۇم كېرەك، ھېچكىم تۈركىيەدىن ھەرىكەت باشلاشقا تەييارمۇ سەن دەپ سورىمىسۇن. بىزنىڭ تەييارلىقىمىز تولۇق، تەييار بولغاندىن باشقا، نېمە قىلىش كېرەك بولسا شۇنى قىلغۇدەك كۈچىمىز بار.»

ئۇ ئامېرىكانىڭ ئىراقتىمۇ تېررورىستلارنى قوللاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر پۈتكۈل ئىراقتا خاتىرجەمسىزلىك بار دېيىلسە، ناھايىتى ئەپسۇسكى ئۇنىڭ كەينىدىن ئامېرىكا چىقىدۇ. بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كاتتىباشلىرىنى ئاقسارايدا كۈتۈۋېلىشتەك ھەرىكەتلەر بىلەن مەسىلىنى تېخىمۇ يوغىناتتى. بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىمىز» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىنىدا كۆزى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ: «بىزنىڭ ئەسەدنى يىڭىش دەردىمىز يوق. تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىنىدا كۆزى يوق، چۈنكى سۈرىيە خەلقى بىزنىڭ قېرىندىشىمىز. ئۇ يەرلەردە بىزنىڭ بۇنداق دەردىمىز يوق. ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى بىز ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بۇلارنى چۈشىنىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ھېچقاچان سىياسىي دىيالوگ ياكى دىپلوماتىيەنى ئۈزۈۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھەر دائىم بۇ خىل دىيالوگلار بولىدۇ ۋە بولۇشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر