«پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1870018
«پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورچىلار قەيەردە بولسا، زەربە بېرىش نىشانىمىز شۇ يەر بولىدۇ. قىسىملىرىمىزنىڭ تېررورچىلارغا قارشى  كۈرىشى كەسكىن داۋاملاشماقتا. ئىراقنىڭ شىمالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقان ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.»

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھافتانىن رايونىدىمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «كەسكىن داۋاملىشىۋاتقان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز نەتىجىسىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھافتانىن رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچى، قەھرىمان قىسىملىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر