ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1868421
ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ  دۆلەت ئىچى-سىرتىدا تېررورىزم ۋە تېررورچىلارغا قارشى قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ دائىرىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر