ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1868525
ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر، ئاشلىق يۆتكەش خىزمىتى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

مىنىستىر ئاقار، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، تىنچلىق ئورنىتىلىشى ۋە ئۇكرائىناغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسىلىلىرىدە تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە بولغىنىدەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مىنىستىرلار، ئاشلىق يۆتكەش پائالىيەتلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، بىرلەشمە كوردىناتسىيە مەركىزىدىكى ھەمكارلىق ۋە ماس قەدەمدە ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ نەتىجىسىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى ئىپادىلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر