ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1867024
ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورچىلار قەيەردە بولسا، زەربە بېرىش نىشانى شۇ يەر بولىدۇ. قىسىملىرىمىز، تېررورچىلارغا قارشى كۈرىشىنى  كەسكىن ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا. ئىراقنىڭ شىمالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقان ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.»

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئەرەن قامال قىلىش – 29» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، ھاققارى ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان 3 پاناھ جاي ۋە بىر غارنىڭ ئىچىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، پارتلاتقۇچ، قورال - ياراغ ۋە ئوق – دورىلار پاچاقلاپ تاشلاندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر