ئىزمىردا ئونلارچە كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ئىزمىردا ئونلارچە چەت ئەللىك كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.

1866618
ئىزمىردا ئونلارچە كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ئىزمىرنىڭ ئۇرلا ناھىيەسىدە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 146 نەپەر تەرتىپسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇرلا ناھىيەسىدە بىر قاتار قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنغانغانلىقىنى؛ ناھىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى تەرىپىدىن تۈركىيە تەرەپكە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 44 كۆچمەن بىلەن، كامېر كېمىسىدىن كاشىلا چىقىپ دېڭىزدا لەيلەپ قالغان 52 كۆچمەننىڭ قۇتۇلدۇرۇلۇپ قۇرۇقلۇققا چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

 بۇنىڭدىن باشقا، چىلگا ۋادىسىدا ياردەم تەلەپ قىلغان ئۈچ تەرتىپسىز كۆچمەن بىلەن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئۇزۇنئادا قاپسىلىپ قالغانلىقىنى بايقىغان 47 نەپەر كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

كۆچمەنلەر رەسمىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر