چاۋۇشئوغلۇ كوباغا تەزىيە بىلدۈردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، كۇبانىڭ ماتانزاس پورتىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتىدا يۈز بەرگەن پارتلاش سەۋەبىدىن كۇبا خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

1865873
چاۋۇشئوغلۇ كوباغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇبا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، چاۋۇشوغلۇنىڭ ماتانزاستىكى پارتلاش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تېلېگراممىسىدا، «تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ۋەقەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا چىن قەلبىمىزدىن تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە ئۇلاردىن ھال سورايمىز. يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز. دوست كۇبا خەلقىنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەن.

8-ئاينىڭ 5-كۈنى كۇبانىڭ ماتانزاس پورتىدىكى ماي قاچىلاش بازىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا يارىلانغانلار سانى 125 كە يەتتى، ۋەقەدە بىر ئادەم قازا قىلدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلار سانىنىڭ 4000 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر