تۈركىيە جەرابلۇستا بومبا ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالدى

تۈركىيە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئىستىخابارات تارماقلىرى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەنىڭ جارابۇلۇس رايونىدا سادىر قىلىشنى پىلانلىغان بومبا ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

1864600
تۈركىيە جەرابلۇستا بومبا ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «پ ك ك / پ ي د نىڭ فىرات قالقىنى ھەرىكىتى رايونىدىكى جەرابلۇستا سادىر قىلىشنى پىلانلىغان بومبا ھۇجۇمى جامائەت خەۋپسىزلىكى رازۋېدكا ئەترەتلىرىمىزنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى ۋە ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى سايىسىدا توسۇپ قېلىندى. 10 كىلوگىرام پارتلاشقا تەييار بومبا قولغا چۈشۈرۈلدى. جامائەت خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسى ئىستىخباراتى، كىلىس ۋە غازىئانتەپ ئىستىخبارات ئەترەتلىرىمىزنى تەبرىكلەيمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر