ماردىندا يېڭى بىر زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى
تۈركىيە ماردىندا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك غا قارشى «ئەرەن قامال – 31» ناملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىدى.
1864694
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىپ تاشلاش، رايوندىكى تېرروچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە ماردىندا «ئەرەن قامال – 31 شېھىت ژاندارما ئەلى ئاردىنچ زەربە بېرىش ھەرىكىتى» باشلانغانلىقىنى، ھەرىكەتكە 558 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ئىشتىراك قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.