قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە 3 تېررورچى تەسلىم بولدى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان 3 تېررورچى، قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.
1864472
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2002 – ۋە 20221 – يىللىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلىپ، ئىراقتا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان، يېقىندا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان 3 تېررورچى، قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان.
شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 68 گە يەتكەن.