تۈركىيە 9 مىڭ چەت ئەللىك تېررورچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

تۈركىيە 2011 – يىلدىن بۇيان 9 مىڭ چەت ئەللىك تېررورچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.

1862652
تۈركىيە 9 مىڭ چەت ئەللىك تېررورچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/پ ك ك ۋە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سېپىگە قېتىلىش ئۈچۈن كەلگەن چەت ئەللىك تېررورچىلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، 2011 – يىلى باشلانغان سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدىن بۇيان، ئوخشىمىغان 102 دۆلەتتىن 9 مىڭ چەت ئەللىك تېررورچىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان چەت ئەللىك تېررورچىلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى تەكشۈرۈلگەندە، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى  ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بۇ ھەقتە داۋاملىشىۋاتقان پائالىيەتلەر دائىرىسىدە، 2011 – يىلدىن بۇيان ئامېرىكا پۇقراسى 59، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پۇقراسى بولغان 1109 چەت ئەللىك تېررورچىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايۇتۇرۇۋېتىلگەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا، 2019-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 12 دۆلەتتىن 126، 2020-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 8 دۆلەتتىن 95، 2021-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 8 دۆلەتتىن 69 چەت ئەللىك تېررورچىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ يىل 7 ئاي ئىچىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 6 دۆلەتتىن كەلگەن 20 چەت ئەللىك تېررورچىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «2019-يىلىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز دۆلىتىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن چەت ئەللىك تېررورچى جەڭچىلەردىن ئالدىنقى سەككىز دۆلەت (ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر) فىرانسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، فىنلاندىيە، رۇمىنىيە، شىۋېتسىيە ۋە ئاۋىستىرىيەدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر