چاۋۇشئوغلۇ ئاشلىق بېسىلغان پاراخوتنىڭ يولغا چىققانلىقى بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى قارادېڭىز ئارقىلىق بىخەتەر يۆتكەش رامكىسىدا، ئاشلىق بېسىلغان بىرىنچى پاراخوتنىڭ يولغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

1861924
چاۋۇشئوغلۇ ئاشلىق بېسىلغان پاراخوتنىڭ يولغا چىققانلىقى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۋىتېتر ئادرېسىدا، ئاشلىق بېسىلغان پاراخوتنىڭ يولغا چىققانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ: «ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى قارادېڭىز ئارقىلىق بىخەتەر ھالدا يۆتكەش رامكىسىدا، بىرىنچى پاراخوت ئۇكرائىنادىن يولغا چىقتى. مۇساپىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. بۇنىڭدا ئۈستىمىزگە چۈشكەن ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. كېلىشىمنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىققا ۋەسىلە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر