گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بائېربوك (Annalena Baerbock) بۈگۈن (29-ئىيۇل) تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدۇ.

1860919
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بائېربوكنىڭ تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 2022-يىلى 29-ئىيۇل دۆلىتىمىزنى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ زىيارىتىدە، ئىككى دۆلەت ۋە تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر