خۇلۇسى ئاقار لاتۋىيەدە

دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن لاتۋىيەنىڭ پايتەختى رىگاغا يېتىپ بارغان ئاقار ئۈچۈن تۇنجى قارشى ئېلىش مۇراسىمى بېتھرېندە ئۆتكۈزۈلدى.

1860701
خۇلۇسى ئاقار لاتۋىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاتۋىيەنىڭ ئەڭ چوڭ خاتىرە سارىيى ھېسابلىنىدىغان قەھرىمانلار قەبرىستانلىقىغا يېتىپ بارغاندا، لاتۋىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئارتىس پابرىكس تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغان ئاقار، كېيىنچە قارشى ئېلىش مۇراسىمى  ئۆتكۈزۈلىدىغان  ساھەگە ئۆتتى.

ئاقارنىڭ مۇراسىم قاراۋۇلىغا سالام بېرىشى بىلەن باشلانغان مۇراسىمدا، ھەربىي ئەترەت تەرىپىدىن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرى ئورۇندالدى.  ئاقار، مۇراسىمدا ئابىدىگە گۈلچەمبىرەك قويغاندىن كېيىن، سۈكۈتتە تۇردى.

مۇراسىم، ئەسكەرلەرنىڭ پاراتتىن ئۆتۈشىدىن كېيىن ئاخىرلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر