ئىراقنىڭ شىمالىدا 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1859541
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورچىلار قەيەردە بولسا، زەربە بېرىش نىشانى شۇ يەر بولىدۇ. ئارمىيەمىز تېررورچىلارغا قارشى كۈرىشىنى پائال ۋە كەسكىن داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ دائىرىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقان ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.»