مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: 289 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدا ئاپرېل ئېيىدا باشلانغان ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى 289 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1858557
مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: 289 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا قولغا چۈشۈرۈلگەن ئەشيالار ۋە ئوق – دورىلارغا دائىر ئۇچۇلار ھەمدە ئۇلارنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتتى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا: «2022 – يىلى 17 – ئاپرېل ئىراقنىڭ شىمالىدا باشلانغان <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پ ك ك ئەزاسى 289 تېررورچىنى بىر تەرەپ قەھرىمان ئارمىيەمىز؛ ئىچىدە نۇرغۇن ئوق – دورا ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان 330 ئۆڭكۈر ۋە پاناھلىنىش ئورنىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر