بۈگۈن 15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق بايرىمى

باشقىچە ئېيتقاندا، فەتۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خائىنلارچە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنىشىنىڭ 6  - خاتىرە يىلى...

1855394
بۈگۈن 15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق بايرىمى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  فەتۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش كېچىسى، تارىختا مىسلى ئاز كۆرۈلىدىغان بىر قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئۈلگىسى يارىتىلغان ئىدى.  تۈركىيە خەلقى دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە كەلگۈسىگە يەنە بىر قېتىم ئىگە چىققان ئىدى.

شۇ كېچىسى شەھەرلەرنىڭ ھالقىلىق يول، كۆۋرۈك ۋە دوقمۇشلىرى بىلەن دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئىشغال قىلىنىشىغا شۇنداقلا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت  مەجلىسى قاتارلىق مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقىغا سېمۋوللۇق قىلىدىغان بىنالارنىڭ  F-16 تىپلىق ئايروپىلانلار بىلەن بومباردىمان قىلىنىشىغا قارشى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدىن «مەن مىللىتىمىزنى مەيدانلارغا تەكلىپ قىلىمەن» دېگەن چاقىرىقىنى ئېلان قىلىپ سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنىشىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدى

بۇ چاقىرىق بىلەن تۈركىيە خەلقى كوچىلارغا سەلدەك ئېقىپ، سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغۇچىلارغا قارشى كۈرەش قىلغان ئىدى. بىراق بۇ شانلىق قارشىلىق ھەرىكىتىدە 251 پۇقرايىمىز شېھىت بولدى.

كالېندارلار 16-ئىيۇل سەھەرنىڭ دەسلەپكى سائەتلىرىنى كۆرسەتكەندە، كوچىلاردا پۇقرالارنىڭ، گازارمىلاردا بولسا، ۋەتەنپەرۋەر ئەسكەرلەرنىڭ  سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىماقچى بولغانلارغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشى غەلىبە قىلغان ۋە قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان ئىدى.

مانا بۈگۈن ، بۇ شەرەپلىك قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ 6 – يىللىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىمەكتىمىز.  شېھىتلىرىمىزمۇ ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەنمەكتە، ئۇلارغا بولغان ساداقەت ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇلىرى قايتىدىن ئىپادىلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر