ئاقار: ئاشلىق كارىدورى سۆھبەتلىرى ئەتە ئىستانبۇلدا باشلىنىدۇ

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار ئۇكرائىنا پورتلىرىدىكى ئاشلىقنىڭ دېڭىز يولى ئارقىلىق بىخەتەر ھالدا يۆتكىلىشى توغرۇلۇق ھەربىي ھەيئەتلەر ئارا سۆھبەتلەرنىڭ ئەتە ئىستانبۇلدا باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1854702
ئاقار: ئاشلىق كارىدورى سۆھبەتلىرى ئەتە ئىستانبۇلدا باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «يېمەك - ئىچمەك كىرىزىسى» نى ھەل قىلىش يولىدىكى دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرى دائىرىسىدە داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان ئۇچرىشىشلارنىڭ ئىجابىي يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ دائىرىدە ئۆزىنىڭمۇ رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ۋە ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسى رېزنىكوۋ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، شۇنىڭدىن كېيىن جامائەتچىلىك ئارىسىدا «قىزىل سىزىق» دەپ ئاتالغان تۈركىيە بىلەن ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئۇچۇر – ئالاقىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى، قەيت قىلدى، ھەمدە يېمەك - ئىچمەك كىرىزىسىنى ھەل قىلىنىش يولىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەيئىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا رۇسىيە ھەربىي ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، كېيىنچە ئۇكرائىنا ھەربىي ھەيئىتىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:  «بۇ ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ئەتە، ئۇكرائىنا پورتلىرىدىكى ئاشلىقنىڭ دېڭىز يولى ئارقىلىق بىخەتەر ھالدا يۆتكىلىشى توغرۇلۇق تۈركىيە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ۋە ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ھەربىي ھەيئەتلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  ھەيئىتى ئىستانبۇلدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر