چاۋۇشئوغلۇ بالىدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزمەكتە

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈمەكتە.

1853671
چاۋۇشئوغلۇ بالىدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزمەكتە
arjantin disisleri bakani santiago cafiero-cavusoglu.jpg
birlesmis milletler bm dunya gida programi (wfp) icra direktoru david beasley-cavusoglu.jpg
fiji basbakani ve disisleri bakani josaia voreqe frank bainimarama-cavusoglu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى – تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بالىدىكى ئايرىم ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

فىجى باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسايا ۋورېكې فرانك بەينىماراما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، ئۇچرىشىشتا، كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى ھەمدە تۈركىيە بىلەن فىجىنىڭ خەلقئارا سۇپىلاردىكى ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ب د ت ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى ئىجرائىيە دېرىكتورى بىئاسلېي بىلەن ئۆتكۈزگەن ئايرىم ئۇچرىشىشىدا، ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى سىرتقا چىقىرىش ۋە سۈرىيەگە بېرىلىدىغان چېگرا ھالقىغان ياردەملەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى؛ ئارگېنتىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سانتىياگو كافىيرو بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا بولسا، ئىككى تەرەپلىك ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر