چاۋۇشئوغلۇ ھىندونېزىيەدە لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى

20 دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۈچۈن ھىندونېزىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1853344
چاۋۇشئوغلۇ ھىندونېزىيەدە لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «20 دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى دائىرىسىدە، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇچرىشىشتا، 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»

چاۋۇشئوغلۇ، مېكسىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرى ماركېلو ئېبرارد بىلەنمۇ كۆرۈشكەن، ھەمدە ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېگەنىدى: «20 دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى دائىرىسىدە، مېكسىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرى ماركېلو ئېبرارد بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇچرىشىشتا، ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشلىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى، ئۇكرائىنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»

يەنە بىر تەرەپتىن، چاۋۇشئوغلۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، 21 – نۆۋەتلىك MIKTA  (تۈركىيە، مېكسىكا، ھىندونېزىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە ئاۋىستىرىيالىيە) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا، مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارسېلو ئېبرارد، ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېتنو مارسۇدى، جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جىن پارك ۋە ئاۋىستىرالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېننىي ۋوڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «يىغىندا، ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر،  يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، كۆچمەنلەر كىرىزىسى قاتارلىق ئورتاق كۈنتەرتىپىمىزدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.»

تۈركىيە، مارت ئېيىدا،  MIKTA  نىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئاۋىستىرالىيەدىن ئۆتكۈزۈۋالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر