ئىزمىردا نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ چەشمە ناھىيەسىدە دېڭىز ساھىللىرىدا گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن 19 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1852723
ئىزمىردا نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ  چەشمە ناھىيەسىگە جايلاشقان ئۇچبۇرنۇ رايونى ئەتراپىدا، گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، 19 تەرتىپسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان،  ئاندىن ئۇلارنى چەشمە پورتىغا چىقىرىپ، ئېھتىياجلىرىنى قامدىغان.

كۆچمەنلەر، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ئىزمىر ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر