ئىراقنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 9 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1852218
ئىراقنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى يەنە 9 تېررورچى، قىسىملىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ماردىندا، 679 ھەربىي خادىمنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا «ئەرەن قامال قىلىش – 20» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «دۆلەت مىقياسىدا تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش مەقسىتىدە داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان <ئەرەن قامال قىلىش> ھەربىي ھەرىكەتلىرى، خەلقىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا كەسكىن ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر