ب د ت: ئافغانىستان 1 مىليون 200 مىڭ قىز ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىدىن مەھرۇم قالدى

ئافغانىستاندىكى 1 مىليون 200 مىڭ قىز ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپنى داۋاملاشتۇرۇشتىن مەھرۇم قالماقتا.

1851031
ب د ت: ئافغانىستان 1 مىليون 200 مىڭ قىز ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىدىن مەھرۇم قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 50-قېتىملىق يىغىنى دائىرىسىدە چاقىرىلغان «ئافغانىستاندىكى ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ ھوقۇقى» تېمىلىق يىغىنغا قاتنىشىپ سۆز قىلىپ، ئافغانىستاندىكى ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىق سەۋەبىدىن «ئاياللار باشچىلىقىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ  %90 ىنىڭ ئاچارچىلىق ياكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھەر خىل كەسىپتىكى ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلىگەن باچېلېت، ئاياللارغا قويۇلغان كىيىم-كېچەك ۋە ھەرىكەت چەكلىمىسىنىڭ ئاياللار ئارىسىدا پىسخىكىلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ پۈتۈنلەي يىمىرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئىشسىز ئاياللار سانى شىددەت بىلەن ئاشتى ۋە نۇرغۇن ئاياللار باشقۇرىدىغان كارخانىلار تاقىۋېتىلدى» دېدى.

تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىگە قارىماي، ئاياللارنىڭ مائارىپ ھوقۇقىغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن باچېلېت: «1 مىليون 200 مىڭ قىز ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى داۋاملاشتۇرالمايۋاتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر