ھاككارىدا تۆت تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ھاككارىنىڭ قىرىقداغى تاغلىق رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان «ئەرەن قامال قىلىش – 2» ناملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى تۆت تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1849441
ھاككارىدا تۆت تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر! ژاندارما ئالاھىدە ھەرىكەت ۋە ژاندارما كوماندىر جەڭچىلىرىنىڭ 28 – ئىيۇن ھاككارىنىڭ قىرىقداغى تاغلىق رايونىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتىپ ئېلىپ بارغان <ئەرەن قامال قىلىش – 2> ناملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا يەنە تۆت تېررورچى قوراللىرى بىلەن بىرلىكتە يوقىتىلدى. قەھرىمان ئەۋلادلىرىمىزنى تەبرىكلەيمىز» دېدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر