ئابدۇللاھىيان: تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشى كېرەك

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان تۈركىيەنىڭ سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنىڭ كېچىكتۈرمەستىن ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1849057
ئابدۇللاھىيان: تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھىيان تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك ئەندىشىسى ئۈستىدە توختىلىپ: «بىز تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى ئوبدان چۈشىنىمىز. بىز بۇ ھەقتە ھۆرمەتلىك خىزمەتدىشىم چاۋۇشئوغلۇ بىلەنمۇ ئەتراپلىق سۆھبەتلەشتۇق. بىز تۈركىيە تەرەپنىڭ، تۈرك دوستلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى دەرھال ۋە ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشى كېرەك دەپ قارايمىز» دېدى.

تۈركىيەنىڭ قۇددۇس ۋە پەلەستىن مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئىزچىل بىلىدىغانلىقلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئابدۇللاھىيان: «تۈركىيە قۇددۇس دەۋاسىدىن، پەلەستىن دەۋاسىدىن ۋاز كەچمىدى، ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ. ئەمما زىئونىستلار ھەر دائىم قەيەرگىلا بارسا، ئۇ يەرگە ئىشەنچسىزلىك، پىتنە ئېلىپ بارىدۇ» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، ئىراننىڭ قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش ئارزۇسىنى تىلغا ئېلىپ: «ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئىراننىڭ بىخەتەرلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىزنىڭ بۇ رايونغا، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت (تۈركىيە) ئۈچۈن ياخشىلىقتىن باشقا تىلىكىمىز يوق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر