شىمالىي ئىراقتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى بىر ھەربىي بازىغا تاجاۋۇز قىلىشى نەتىجىسىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
1846579
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ 2022 – يىلى 21 – ئىيۇن كۈنى ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى بىر ھەربىي بازىغا تاجاۋۇز قىلىشى نەتىجىسىدە، قەھرىمان سەپدىشىمىز پىيادە كەسپىي ئەسكەر سېرژانت سەرجان باش شېھىت بولدى.»