چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاننالىنا باربوك بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1846148
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاۋۇشئوغلۇ بىلەن گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاننالىنا باربوكنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كېڭىيىشى، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.