ھاققارىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ھاققارىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1845678
ھاققارىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاققارى ۋىلايىتىنىڭ ئاقبال يېزىسىدا، ھاققارى ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ھەرىكەت ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچى ئەترەتلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا باشلانغان «ئەرەن قامال قىلىش – 2 ھەربىي ھەرىكىتى» دائىرىسىدە، تۈنۈگۈن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇمۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، «تېررورىزم قامال ئاستىدا» سەرلەۋھىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «<ئەرەن قامال قىلىش – 2 ھەربىي ھەرىكىتى> دائىرىسىدە، ھاققارى ۋىلايىتىنىڭ شەمدىللى ناھىيەسىدە، قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ھەرىكەت ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچى ئەترەتلىرىمىز، ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر