ئەردوغان: ئۈمىدىمىزنى يوقىتىپ قويمىساقلا، 21-ئەسىرنىڭ چاقنىغان يۇلتۇزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «ئۈمىدىمىزنى يوقىتىپ قويمايدىغانلا بولساق، تۈركىيە 21-ئەسىرنىڭ چاقنىغان يۇلتۇزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ» دېدى.

1844574
ئەردوغان: ئۈمىدىمىزنى يوقىتىپ قويمىساقلا، 21-ئەسىرنىڭ چاقنىغان يۇلتۇزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدە چاقىرىلغان ۋىلايەت دەرىجىلىك باشلىقلىرى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئىنسانىيەتنىڭ يېقىنقى ئىككى يېرىمدىن بۇيان تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر كىرىزىسلاردىن بىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەسىرنىڭ ئەڭ ئېغىر ساغلاملىق كىرىزىسى دەپ قارىلىۋاتقان كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ دەخلىگە ئۇچرىغانلىقىنى، دۇنيا سودىسىنىڭ توختاپ قېلىش باسقۇچىغا كېلىپ قالغانلىقىنى، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «تۈركىيە يۇقۇم كىرىزىسىنى ھەر تەرەپلىمە كونترول قىلالىغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھېچبىر پۇقرايىمىزنى نەزەردىن ساقىت قىلمىدى. بىزدە دورا تېپىلماي ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم يوق. خۇداغا شۈكرى، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىزدىنمۇ باي دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن ئىشلار بىزدە يۈز بەرمىدى» دېدى.

ئىقتىسادىي ھاياتنى توختىتىپ قويماي ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆتكەن يىلى دۆلەت تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئېكسپورت سانلىق نىسبىتىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «يېڭى مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىلىرى بىلەن ئەۋلادلىرىمىزغا قالدۇرىدىغان تۈركىيەنىڭ تاشلىرىنى ياتقۇزۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئۈمىدىمىزنى يوقىتىپ قويمايدىغانلا بولساق، تۈركىيە 21-ئەسىرنىڭ چاقنىغان يۇلتۇزلىرىنىڭ  بىرىگە ئايلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر