«پ ك ك بىلەن ي پ گ نىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پ ك ك بىلەن ي پ گ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوقلۇقىنى، ھەر ئىككىسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1842597
«پ ك ك بىلەن ي پ گ نىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرقاتار ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن دىيارباقىردا زىيارەتتە بولغان مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بالىلىرى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن قاچۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى (ھ د پ ) نىڭ ۋىلايەتلىك ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئالدىدا ئۇدا مىڭ كۈندىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئولتۇرۇپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈۋاتقان «دىيارباقىر ئانىلىرى» نى زىيارەت قىلدى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «ئۇلار <سۈرىيەدىكىلىرىنىڭ ئىسمى ي پ گ بولۇپ، پ ك ك غا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، بىز ئۇلارنى تېررورچى دەپ قارىمايمىز> دېيىشكە ئۇرۇنۇۋاتىىدۇ. نۆۋەتتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشقا تىرىشىۋاتقان ئىككى دۆلەتمۇ ئوخشاش گەپنى قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما بىز ئۇلارغا: <پ ك ك بىلەن ي پ گ نىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق، ھەر ئىككىسى تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر. خۇددى تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پەرقى باردەك، ئۇلار بىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى، يەنە بىرىنى كىشىلىك ھەق - ھوقۇق يولىدا ئىزدىنىۋاتقان تەشكىلاتتەك كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئەگەر كوردلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ قانداق ھوقۇققا ئېرىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئۆز قۇلىقىڭىز بىلەن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا، بۇ يەرگە كېلىپ، <دىيارباقىر ئانىلىرى ۋە دادىلىرى» نى زىيارەت قىلىڭ. ئەگەر بىزگە ئىشەنمىسىڭىز، ئۇلاردىن ھەقىقەتنى بىۋاسىتە ئۇلاردىن ئاڭلاڭ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر