جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: بۇ خەلقنىڭ نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم كۆرىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئەگە دېڭىزىدا ئېلىپ بارغان «ئەفەس -2022» ناملىق ھەربىي مانېۋىرى ئارقىلىق دۇنياغا ئېنىق ئۇچۇر بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ خەلقنىڭ نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم كۆرىدۇ» دېدى.

1841454
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: بۇ خەلقنىڭ نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم كۆرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن شېھىت مۇستاپا جامباز فوتو – سۈرەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە، تۈركىيە - گىرېتسىيە لىنىيەسىدىكى ئەگە ئاراللىرىنىڭ قوراللاندۇرۇلۇشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان جىددىيلىكىنى تىلغا ئېلىپ، گرېتسىيەنى تەنقىد قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.

گىرېتسىيەنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنى مانېۋىرغا قاتناشماسلىققا چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «بىزنىڭ مانېۋىرىمىزغا 37 دۆلەت قاتناشتى. گىرېتسىيە ئۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە «قاتناشماڭلار» دەپ ئۇچۇر يوللاپتۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك گىرېتسىيەنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىز بىلەن بىرلىكتە بۇ مانېۋىرغا قاتناشتى» دېدى.

مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان «ئەفەس-2022» ناملىق ھەربىي مانېۋىرى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئەگە دېڭىزىغا مۇناسىۋەتلىك پوزىتسىيەسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «خۇداغا شۈكرى، بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك مانېۋىر بارلىق تەرەپلەرگە تېگىشلىك جاۋابلارنىڭ بېرىلىشى نۇقتىسىدىن ناھايىتى ياخشى بىر قەدەم بولدى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تەۋرەنمەس قەدەملەر بىلەن مۇشۇنداق مېڭىلىدۇ. ھەممە ئادەم بۇ خەلقىنىڭ قانداق خەلق ئىكەنلىكىنى ۋە نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى تۈنۈگۈنكى مانېۋىردا كۆرگەندەك بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر