چاۋۇشئوغلۇ چېخىيەدە تۈركىيەنىڭ دۇنياۋى خىرىسلارغا بولغان قارىشى ۋە سىياسەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ چېخىيەنىڭ پايتەختى پراگادا ئۆتكۈزۈلگەن «4 -نۆۋەتلىك ئاسىيا - ياۋروپا سىياسىي مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

1841466
چاۋۇشئوغلۇ چېخىيەدە تۈركىيەنىڭ دۇنياۋى خىرىسلارغا بولغان قارىشى ۋە سىياسەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ: «پراگادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا - ياۋروپا سىياسىي مۇنبىرى پائالىيىتىدە، بىز تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى دۇنياۋى خىرىسلارغا بولغان قارىشى ۋە تەشەببۇسكار تاشقى سىياسىتىمىزنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ پراگادىكى ئەلچىخانا بىناسىدا چېخىيەدىكى تۈركلەر بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇ پائالىيەت جەريانىدىكى سۆزىدە، تۈركىيە - چېخىيە سودا مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ: «بىزنىڭ ئۆزئارا سودىمىزنى 4 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يەتكۈزۈشىمىز كەلگۈسى نىشانىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىزگە سەۋەب بولدى، بۇ يىل 5 مىليارد دوللارغا يېتىمىز، بىر قانچە يىلدىن كېيىن 10 مىليارد دوللارغا قاراپ ئىلگىرىلەيمىز» دېدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن چېخىيە ئاۋام پالاتاسى باشلىقى بازارتا پېكاروۋا بىلەن كۆرۈشۈپ، پارلامېنتلار ئارا مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتى، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ كېڭىيىشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنىدى.

چاۋۇشئوغلۇ بۈگۈن چېخىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يان لىپاۋىسكىي بىلەن كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر