بودرۇمدا نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى
مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ بودرۇم ناھىيەسىدە 15 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.
1841368
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، بودرۇم دېڭىز ساھىللىرىدا بىر گۇرۇپپا كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن چەت ئەللىك 15 تەرتىپسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.
تەرتىپسىز كۆچمەنلەر، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.