ئوكتاي ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 2021 – يىللىق تۈركىيە دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1840443
ئوكتاي ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 2021-يىللىق تۈركىيە دوكلاتىدىن ئورۇن ئالغان قىبرىس مەسىلىسىدىكى يۈزەكى ۋە يىراقنى كۆرۈشتىن خالىي بايانلار،  ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ باياناتچىسى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتىدۇر. ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى، قىبرىس  مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۆھپە قوشۇشنى خالىسا، ئۇنداقتا، قىبرىس تۈرك خەلقىنى يوققا چىقىرىشتىن ۋاز كېچىشى، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ھوقۇقتا باراۋەرلىكى ۋە خەلقئارالىق تەڭ ھوقۇقلۇق سالاھىيىتىنى رويخەتكە ئېلىشى، ھەمدە 2004-يىلى  قىبرىس تۈرك خەلقىگە بەرگەن ئەھدىلىرىگە ۋاپا قىلىشى كېرەك.»

قىبرىستا ئايرىم – ئايرىم ئىككى خەلق ۋە ئىككى دۆلەت بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ئوكتاي، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «رۇملارنىڭ 50 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئالداش تاكتىكىلىرى بىلەن، 2004-ۋە 2017-يىللىرى رەت قىلغان مودېل (فېدېراتسىيە تۈزۈمى)، يەنە 50 يىل مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ. بۇ مەسىلە ئەمدى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.»

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تۈركىيە دوكلاتىدا، قىبرىس مۇزاكىرىلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ۋە قىبرىس تۈرك تەرەپنىڭ «ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم» تەكلىپىدىن ۋاز كېچىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر