ئىراقتا پ ك ك تېررورچىلىرىغا ئەجەللىك زەبە بېرىلدى
دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ ئىراقنىڭ گارا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK/KCK غا قارشى ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ ئىراقنىڭ گارا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK/KCK غا قارشى ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.
دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا قويۇق شەكىلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK-HPG نىڭ ئاتالمىش ماھمۇر – كەركۈك – سۇلايمانىيە ئىشلىرى مەسئۇلى «ئەھمەد رۇبار» تەخەللۇسلۇق مەھمەت ئەردوغاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالمىش رەھبەرلىرى بىر تەرەپ قىلىنغان.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئالدىنقى ھەپتىمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ سۇيىقەستچىسى سۈپىتىدە ھەر خىل تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان «روجدا» تەخەللۇسلۇق دىلبىرىن قاچارمۇ، سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا تۇتۇلۇپ، تۈركىيەگە كەلتۈرۈلگەن.