سۈرىيەنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «فىرات قالقىنى»، «زەيتۇن شېخى» ۋە «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 8 تېررورچى ئۇرۇش ياردەم ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورچىلارغا نىسبەتەن ئۆزلىرىنى كۈتۈۋاتقان ھالاكەتتىن باشقا قېچىش يولى يوقتۇر. <فىرات قالقىنى>، <زەيتۇن شېخى> ۋە <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 8 تېررورچى، ئۇرۇش ياردەم ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى. تېررورچىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.»
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىز ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ، ھېرىش – چارچاشنى بىلمەيدىغان قىسىملىرىمىز كۈرەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 10 تېررورچى، ئارمىيەمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.