گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: «تۈركىيە ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان شېرىك»

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننېلېنا بائېربوك تۈركىيەنى «ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان شېرىك» دەپ تەرىپلىدى.

1838857
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: «تۈركىيە ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان شېرىك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاننېلېنا بائېربوك بۈگۈندىن باشلانغانچە 10-ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدىغان پاكىستان، گرېتسىيە ۋە تۈركىيە زىيارىتىدىن ئىلگىرى يازما بايانات ئېلان قىلدى.

بائېربوك،  «تۈركىيە زىيارىتىم مېنى ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان شېرىككە ۋە بىز بىلەن باشقا ھېچ بىر دۆلەتكە ئوخشىمايديغان دەرىجىدە تېخىمۇ يېقىن بىر دۆلەتكە ئېلىپ بارىدۇ» دېدى.

ئۇ گېرمانىيەدىكى مىليونلىغان كىشىلەردە «بىر گېرمان يۈرىكى بىلەن بىر تۈرك يۈرىكىنىڭ سوقۇدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ماڭا نىسبەتەن بۇ قوش يۈرەك سوقۇشى، قوش كۈچ دېگەنلىك بولىدۇ» دېدى.

ئەتە پاكىستاندا ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئالدىدا تۇرغان گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 8-ئىيۇن گرېتسىيەگە، 9-ئىيۇن تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ. تۈركىيەدە 10 ئىيۇنغيىچە ئۆتكۈزۈدىغان ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، مەنسەپدىشى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئىقتىساد ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر