شىمالىي ئىراقتا ئالتە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئالتە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1837650
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى باشلىرىغا يىقىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا ئېنىقلانغان ئالتە پ ك ك ئەزاسى تېررورچى ئارمىيەمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.