تۈركىيەنىڭ ب د ت چەت ئەل تىللىرىدىكى ئىسمى «Türkiye» دەپ تىزىمغا ئېلىندى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)دا ئىستېمال قىلىنىدىغان چەت ئەل تىللىرىدىكى ئىسمىنىڭ «تۈركىيە (Türkiye)» دەپ تىزىمغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1835721
تۈركىيەنىڭ ب د ت چەت ئەل تىللىرىدىكى ئىسمى «Türkiye» دەپ تىزىمغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ماركا قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە باشلانغان تىرىشچانلىقنىڭ ئۈنۈملۈك ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا: «ب د ت باش كاتىپىغا بۈگۈن يوللىغان مەكتۇپىم ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ب د ت دا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان چەت ئەل تىللىرىدىكى ئىسمىنى <تۈركىيە (Türkiye)> دەپ تىزىمغا ئالدۇرىمىز. خەيرلىك بولسۇن!» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر