«پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 14 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1832830
«پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «شېھىتلىرىمىزنىڭ قېنىنى يەردە قالدۇرمىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمىز. ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 14 تېررورچى، ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى. قەھرىمان قىسىملىرىمىز، تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىىشنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدۇ.»

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى تېررورچىلارنىڭ «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىشى نەتىجىسىدە، بىر ئەسكەر شېھىت بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر