ئايدىن ۋىلايىتىدە نۇرغۇن تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ قۇشئاداسى ناھىيەسىدە 37 تەرتىپسىز كۆچمەن ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1832477
ئايدىن ۋىلايىتىدە نۇرغۇن تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئايدىن ۋىلايەتلىك ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى، ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ قۇشئاداسى ناھىيەسىدە بىر گۇرۇپپا تەرتىپسىز كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 37 تەرتىپسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان.

قۇتقۇزۇۋېلىنغان كۆچمەنلەر، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر