چاۋۇشئوغلۇ بىلەن لاپىد قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، (ئىسرائىلىيە بىلەن) ئىجابىي كۈنتەرتىپنى ياقلىغان ھالدا مۇناسىۋەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ، چۈشىنىشمەسلىكلەرنى تېخىمۇ بەرباچى شەكىلدە مۇھاكىمە قىلىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

1832365
چاۋۇشئوغلۇ بىلەن لاپىد قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان غەربىي قۇددۇستا ئىسرائىلىيەلىك مەنسەپدىشى يائىر لاپىد بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى؛ (ئىسرائىلىيە بىلەن) چۈشىنىشمەسلىكلەرگە قارىماي، دىيالوگنى سىجىل داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ياخشى ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ: «بۇ ئىش بىر – بىرىمىزنىڭ سەزگۈرلۈكلىرىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى لازىم. بۇ پەقەت بىزنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزگىلا ئەمەس، رايونىمىزنىڭ تىنچلىقىغىمۇ پايدىلىق بولىدۇ» دېدى.

ئۇ، ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى ئەسناسىدا رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىجابىي كۈنتەرتىپنى ياقلىغان ھالدا مۇناسىۋەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش، چۈشىنىشمەسلىكلەرنى تېخىمۇ بەرباچى شەكىلدە مۇھاكىمە قىلىشقا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. دەرۋەقە، ئۆتكەن رامىزان ئېيىدا ئورنىتىلغان دۆلەت رەئىسلىرىمىز دەرىجىلىك دىيالوگ، تىنچ ھالەتنى ساقلاپ قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارغا ھەسسە قوشتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ، ئىسرائىلىيە بىلەن مىنىستىرلىقلار ۋە ئالاقىدار ئاممىۋى ئورگانلار ئوتتۇرىسىدىكى تېخنىكىلىق ئۇچرىشىشلارنى قايتىدىن ئورنىتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىپ: «نۇرغۇن ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلىرىمىزنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش، بۇنىڭدىن كېيىن ئوخشىمىغان مېخانىزملارنى ئورنىتىش ۋە پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى توغرىسىدىكى سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كېلىشتۇق» دېدى.

جۇغراپىيەلىك يېقىنلىق ۋە بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنى تەبىئىي سودا شېرىكلىرىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ يەنە: «تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئۆزئارا ئەڭ كۆپ سودا قىلىدىغان ئالدىنقى 10 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. كوۋىد-19 يۇقۇمىغا  ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا، ئۆتمۈشىمىزدىكى ئىختىلاپلارغا قارىماي،  سودا مىقدارىمىز ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا» دېدى.

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يائىر لاپىدمۇ: «ھۆرمەتلىك مىنىستىر بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىمىزدىن كېيىن، ئۆزئارا ئورتاق (تۈركىيە-ئىسرائىلىيە) ئىقتىساد كومىتېتى تەشەببۇسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر